تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا ۋە ساياھەت ھەمكارلىقى تارىخىي رېكورت ياراتقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.05.03

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى يولغا قويۇلۇپ ئون يىل ئۆتكەندە، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى سودا ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى ھەمكارلىقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مۇستەھكەملەنگەن.

ھىندىستاننىڭ «تۇنجى پوچتا گېزىتى» (First Post) تورى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، 1971-يىل تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەن بولسا، 2010-يىل بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى باشلانغان. تۈركىيە رەھبىرى رەجەپ تاييپ ئەردوغان 2012-يىلدىن باشلاپ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغان. خىتاي تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان بولۇپ، 2016-يىل ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سودا سوممىسى 27 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن. 2018-يىل تۈركىيەگە بارغان خىتاي ساياھەتچىلىرى 3 مىليون 900 مىڭدىن ئاشقان.

خىتاينىڭ 2013-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا رايون ئىقتىساد كارىدورى» پىلانىغا ماس كەلگەن بولۇپ، تۈركىيە باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يولى» نى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرغان. ئىستانبۇلدىن شىئەنگىچە سوزۇلغان بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى8693 كىلومېتىر كېلىدىكەن، بۇ يولدا 2020-يىلدىن باشلاپ پويىز قاتنىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.