خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى «يۈكسىلىش مەنزىرىسى» كۆرۈلۈۋاتقاندا بۇنىڭدىكى بەزى سەۋەبلەر تەدرىجىي ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى «ياردەم» بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
«بلومبېرگ تورى» نىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي بانكىسى 2019-يىلى ئىيۇندا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى تۈركىيە بانكىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. بۇ بولسا سايلام پەسلىدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ياردەم بولۇپ قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سايلامدا ئەردوغاننىڭ ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان ھەمدە تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشىدىن ئەنسىرىگەن غەرب دۇنياسى مەبلەغ سېلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ بۇنچە كەڭ قوللۇق بىلەن ياردەم قىلىشى تۈركىيە ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.