خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ، «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىم تۈركىيە ئاخبارات ساھەسىدىن 11 كىشىنى تەكلىپ قىلىپ قەشقەرنى ساياھەت قىلدۇرغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى 14-ئاۋغۇست كۈنى چىقارغان سۈرەتلىك خەۋەرگە قارىغاندا، تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا بەلگىلىك ئورنى ۋە تەسىرى بولغان 11 كىشى خىتاينىڭ تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قەشقەرگە كېلىپ، «قەشقەر قەدىمىي شەھەرچىسى» نى، «ئىپارخان مەنزىرە رايونى» نى ۋە «قەشقەرنىڭ قايناپ تۇرغان بازارلىرى» نى، ئۇ يەردىكى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.
خەۋەردىكى سۈرەتلەردە، زىيارەتچىلەرنىڭ يەنە «قەشقەر شەھىرى كونا رايونىنى قوغداش ۋە تۈزەش خاتىرە سارىيى» نى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ خاتىرە سارىيىنىڭ خىتاينىڭ قەشقەر شەھىرىنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەندىن كېيىن، كونا ئۆيلەرنى تەقلىد قىلىپ مۇزېي شەكلىدە ياساپ چىققانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. زىيارەتچىلەر «قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا قىياپىتىنىڭ يېڭىلانغانلىقى ۋە ئەنئەنىۋى بىمارلىق، ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى» نى تەرىپلەش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى مەدھىيەلەشكەن.
ھالبۇكى سۈرەتلەردىن بىرىدە، قەشقەر كەتمەن بازىرىدىكى تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق ئەمەس، قايغۇ-ئەلەم ئىپادىلىنىپ تۇرغان بولۇپ، مۇخبىرلارغا بەك ئوچۇق چىراي ئاچمىغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى كۆپرەك توپلاشقان تۈركىيەگە تەسىر كۆرسىتىش، ھۆكۈمەتنى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپدارى بولغان تاراتقۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدىمۇ تۈركىيەدىكى مۇخبىرلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەردىكى بەزى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغانىدى. بۇ قېتىم تەكلىپ قىلغان 11 كىشىمۇ خىتاي ئۈچۈن تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولۇشقا تاللانغان كۆڭۈلدىكىدەك نامزاتلار دەپ قارالماقتا.
تۈركىيەدىكى زاتلاردىن ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە ھەر خىل يوللار بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل يوللار بىلەن تۈرك خەلقىنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.