تۈركىيە بومبا قالقان سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى خىتاي شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىشتىن يانىدىغانلىق شەپىسىنى بەردى
2013.09.30
تۈركىيە ئۆتكەن ھەپتە، تەسىس قىلماقچى بولغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىيەلىنىش سېستىمىسىنى بىر خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، خىتاي تەرەپ بىلەن بۇ توغرىدىكى كېلىشىمنىڭ تېخى رەسمىيلەشمىگەنلىكىنى، قۇرۇلۇش توختامى ھەققىدە يەنە ئويلىشىدىغان قەدەملەر بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «بۇ ئىشنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىۋىي تەرىپىدىن باشقا تەشكىلىي مۇناسىۋەت تەرىپىمۇ بار» دېيىش ئارقىلىق، ناتونىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىگە ماسلىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.
ئامېرىكا بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تۈركىيە ھەمكارلاشماقچى بولغان خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى شىركەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي تەرەپ قول سالغان سېستىمىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي مۇداپىئە سېستىمىسى ئىچىدە كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.