تۈركىيەدە بىر تۈمەن ئەتراپىدا خادىم خىزمىتىدىن بوشىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-30
Share

تۈركىيە دائىرىلىرى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى بىر تۈمەندىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنى ئىشتىن توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئىشتىن توختىتىلغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 10مىڭ 131 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇلار 15 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئىكەن. 15 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى، ھەربىي ساھەدىكىلەر، مائارىپ ۋە ئەدلىيە خادىملىرى ئۈستىدىن تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىزمىتىدىن توختىتىلغان ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، كېيىن ئۇنىڭ مۆھلىتىنى كېلەر يىلى 1 - ئايغىچە ئۇزاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت