تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى«شەرقى تۈركىستان» تىمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزگەن
2016.02.15
تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قەيسەرى شۆبىسى ئۆتكەن ھەپتە «شەرقى تۈركىستان» تىمىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزگەن. ئادەتتە قەلەمداشلار سۆھبىتى نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ بۇ قېتىمقىسى يەنى 18 - قېتىملىقىدا مەخسۇس شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان. قەيسەرى خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە «مۇستەقىل شەرقى تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك، يىغىندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. مەزكۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتى قەيسەرى شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋەدات ساغلام بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ «مەقسىتىمىز، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك ۋە ئىسلام ئالىمىگە ئەسلىتىپ تۇرۇش، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈش» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى يالغۇز تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىدىلا تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولسا، كېيىنچە تۈركىيەدىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ، يېقىنقى يىللاردا بولسا تۈركىيەدىكى ئوڭ ۋە سول قانات بارلىق پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە كۈن - تەرتىپ ئىگىلىمەكتە.









