ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا پارتلاش يۈز بەردى

12-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلدى، 15 ئادەم يارىلاندى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاشتا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاز دېگەندە 8 نەپىرى گېرمان ساياھەتچىلەر ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قازاغا ئۇچرىغان گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە باشلىغان.

تۈركىيە دائىرىلىرى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، پىلانلىغۇچىسىنىڭ سۈرىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ۋەقەدىن كېيىنكى باياناتىدا: «بىز تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاقلىشىمىز لازىم» دېگەن، باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ چانكايا سارىيىدا مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جىددىي خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرغان.

ۋەقەدىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باس سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغانلارغا قارىتا تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە: «پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئوي-خىيالىمىز ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرگە» دېگەن.