تۈركىيە ھۆكۈمىتى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق» دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلغان
2022.03.02
خىتاينىڭ قانلىق زۇلۇمى ۋە دۆلەت تېررورلۇقىدىن قېچىپ تۈركىيەگە سىغىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ تۈركىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈش ئىلتىماسى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق» دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىنغان.
Anxios تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىسىتىرلىكى تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلاردىن ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ پەيدا قىلغان» دەپ قاراپ رەت قىلغان. خەۋەردە بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بېرىلگەن بولۇپ، رەت قىلىش سەۋەبىدە «ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بۇزۇش ئېھتىمالى بار» دەپ يېزىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيەدە 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئۇيغۇر پاناھالىنىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مەيدانغا چىققان، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان، توردا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغانلار خىتاينىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ قادالغان، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇنداقلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەردوغان ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئۇيغۇرلار ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق ئىزدەشكە باشلىغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئەردوغان شۇ مەزگىلدە بەزى ئۇيغۇلارغا ۋەتەنداشلىق بەرگەن بولسىمۇ، كېيىن خىتاي بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان، 5 يىلدىن بېرى مەخپىي داۋام قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا كۆز يۇمغان ۋە تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نەچچە مىليون سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم بەرگەنچىلىك ياردەم بەرمىگەن.