3-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاياللار ۋالىيبول مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ياشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى مۇسابىقە مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلىق كۆك بايرىقىنى ئېسىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىگەن. بۇ مۇسابىقىنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەرمۇ نەق مەيداندىن كۆرگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى دەل ئاقشەنەر ئولتۇرتۇرغان سەھنىگە ئېسىلغان.
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان ياشلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر ھەم مەڭگۈ تۈرك پېتى قالىدۇ» دىگەن شۇئارلارنى توۋلىغان. مۇسابىقە جەريانىدا مەيداننى باشقۇرغۇچىلار ۋە ساقچىلار شەرقىي تۈركىستان بايراقنى ئېلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ياشلىرى بۇنىڭغا قارشى چىققان. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ياشلار سىياسىتى ماسلاشتۇرغۇچىسى ئورخان ئەرتۈركمەن تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «تۈركىيە-خىتاي ۋالىيبول مۇسابىقىسىدە (بايراقنى) چۈشۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئۇ مۇسابىقە بويىچە تۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
تۈركىيەدىكى «كرونوس»، «بىر كۈن» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ساقچىلار بايراق ئېسلغان سەھنىگە كېلىپ بايراقنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ساقچىلارنىڭ بايراقنى سەھنىدىن ئېلىۋېتىشقا ئۇرۇنۇشى «ئىيى» پارتىيەسى مەسئۇللىرىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان. خەۋەردە، «ئىيى» پارتىيەسى تاماشىبىنلىرىنىڭ بايراقنى ئېلىۋېتىشنى رەت قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەركىتىنى تېخىمۇ جۇشقۇنلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئېسلغان بۇ مۇسابىقىدىكى تاماشىبىنلار ئىچىدە تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ بار ئىكەن. خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن، تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر شەرەپ مېھمانلىرى سەھنىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىكار قىلغان.
