تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ناملىق ژۇرنال نەشردىن چىقتى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.06.20

«تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى (سىناق) سانى يېقىندا نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ژۇرنال ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېرىم يىلدا بىر سان يورۇق كۆرىدىغان ئىلمىي، سىياسىي، تارىخىي ۋە ئەدەبىي خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنال ئىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سىناق سانىدا باش مۇھەررىر ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ «مۇھەررىردىن» ناملىق باش ماقالىسى، مىركامىل كاشىغەرىنىڭ «ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى» ناملىق ماقالىسى، «ئىمان ۋە مۇھەببەتكە تولغان بىر ھېكايە» ناملىق روماننىڭ بىرىنچى بۆلۈمى، مەرھۇم كوممۇنار تالىپوفنىڭ «مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى شۇنداقلا ئەمىن ۋاھىدىنىڭ «ئەسلەتمە» ناملىق تارىخىي خاتىرىسى قاتارلىق ماقالە،ئەسەرلەر ئورۇن ئالغان.

ژۇرنالنىڭ ساھىبى ۋە باش مۇھەررىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشر-ئەبكارلارغا بولغان جىددىي تەلىپى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر يازارلىرى بىلەن بىلىم ئادەملىرىگە ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بىر سەھنە ھازىرلاش ئېھتىياجىدىن نەشر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.