«نىككى ئاسىيا» گېزىتى: «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ۋاكسىنىسىغا تېگىشىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-01-15
Share

تۈركىيە 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنى كورونا ۋىرۇسىغا قارشى خىتاي ئىشلەپچىقارغان «سىنوۋاك ۋاكسىنىسى» نى ئەملەشنى باشلىدى. تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي ۋاكسىنىسى ئەملىگەنلىكىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى.

ئالدىنقى ھەپتىلەردە خىتاي تۈركىيەگە ۋاكسىنا ئەۋەتىشنى بېكىتىلگەن مۇددەتتىن كېچىكتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى رەھبەرلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا قىستاۋاتامدۇ؟ دېگەن گۇمانلارنى قوزغىغانىدى.

ياپونىيەنىڭ «نىككى ئاسىيا گېزىتى» 14-يانۋار ئېلان قىلغان «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ۋاكسىنىسىغا تېگىشىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر ھەققىدە توختالدى.

«نىككى ئاسىيا گېزىتى» بۇ مەسىلىدە تۈركىيەدىكى بىر قانچە مۇتەخەسسىس ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان. تۈركىيە پارلامېنتىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەرباب گېزىت مۇخبىرىغا «بۇ شەرتنامە گەرچە تۈركىيە پارلامېنتى كۈن تەرتىپىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما 26-يانۋار كۈنى پارلامېنت قايتا جەم بولغاندا سىياسەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دېگەن. تۈركىيەدىكى ئاتىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇچىن كۆپرۈلۈ بولسا تۈركىيە پارلامېنتى بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان تەقدىردىمۇ يەرلىك قانۇنلار بويىچە ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ، دېگەن.

ئۇ «نىككى ئاسىيا» گېزىتىگە مۇنداق دېگەن: «ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى تەستىقلانغان تەقدىردىمۇ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ تەلەپلەر تۈركىيە سوتلىرىدا قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ». ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئىمزا قويغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

تۈركىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور سەلچۇك چولاقئوغلى بولسا تۈركىيەدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور دەرىجىدە قوللىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارار بېرىشىنى قېيىنلاشتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئاغزاكى كېلىشكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ يېقىندا قىلغان سۆزى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىغان بولۇشى ئىككى تەرەپنىڭ ئاللىقاچان تۈركىيەنىڭمۇ بۇ شەرتنامىنى ماقۇللىشى توغرىسىدا جىمجىت كېلىشىپ بولغانلىقىنى ئىشارەت قىلىدۇ» دېگەن.

چولاقئوغلۇ مۇنداق دېگەن: «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاق ھازىر پارلامېنتتىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رايىنى ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەشكە تىرىشىۋاتىدۇ. پارلامېنت كېلىشىمنى بىر قانچە ئاي ساقلىتىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بولسا پالتا ئاللىقاچان چۈشۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن».

ئۆتكەن ئاي تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇنداق ئېھتىماللىقنى قەتئىي رەت قىلىپ: «خىتاينىڭ بۇنداق تەلىپى بارلىقى راست، ئەمما بىز بۇنداق تەدبىر قوللانمىدۇق. ۋاكسىنىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دېگەنىدى.

يەنە بىر ياقتىن، خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغىغانىدى.

13-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋاكسىنا تەتقىقات مەركىزى «سىنوفارم» شىركەت رەئىسى لى جىمىڭنىڭ مۇدىرىيەتتىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. شىركەت لى جىمىڭنىڭ ئىستېپا بېرىشىدىكى سەۋەبنى خۇسۇسىي سەۋەب، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، «سىنوفارم» قارمىقىدىكى خىتاي دۆلەتلىك تېببىي دورا شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى لى خۇيمۇ ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭمۇ ئىشتىن ئايرىلىش سەۋەبى «خۇسۇسىي ئىش»، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىستېپاسىنىڭ ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئالاقىسى بار يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇ ھەپتە بېشىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باشلىقى ئادخانوم گابرىياسۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر ئۆمىكىنىڭ خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى «سىنوفارىم» ۋە «سىنوۋاك» ۋاكسىنىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ۋاكسىنا ئۆلچەملىرىگە ئويۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت