تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش بۈگۈن تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا دانىيەدىكى بىر مەسجىتكە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن. تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى بولسا ئەرباشتىن ئوخشاش تەنقىدنى خىتايغىمۇ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەرباش تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «مەن دانىيەدىكى ئابېنرا مەسچىتىگە قىلىنغان پەسكەشلىك ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. بىز ئىسلام دۈشمەنلىكى ئىدىيەسى بار ئىرقچى گۇرۇپپىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالدۇرراق سوتقا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرىدىن كېيىن تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى ئىنكاس يېزىپ ئەلى ئەرباش ئەپەندىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى. ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە: «ھۆرمەتلىك ئەرباش ئەپەندى، سىزنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىز ئۈچۈن پەقەت سكاندىناۋىيەدىكى مەسچىتلەرگە ھۇجۇم قىلىنىشى كېرەكمىدى؟ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بىر نەرسە دېمەمسىز؟ئۇ يەرلەردە خانىۋەيران قىلىنىۋاتقان ۋە ئېغىلغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان مۇبارەك ئورۇنلارغا ئىنكاس قايتۇرمامسىز؟» دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان زاتلارنىڭ بىرى. تۈركىيە ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىشى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.