ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش چاقىرىقىنى قوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 15‏-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تۋېتىردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا: «ئامېرىكا تۈركىيە تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ (بۇ مەسىلىدىكى) پىكىرىنى قوللايدۇ» دېيىلگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقچاي ئۆتكەن شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر نومۇس» دېگەن.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشقا، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرىلغان. ئارقىدىنلا يەنە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ «بىر مىليوندەك ئۇيغۇر تۈركىنى جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇشى قانۇنسىزلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ باياناتىغا شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە پىكىر بىلدۈرۈشكە «سالاھىيىتى يوقلۇقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «ھازىر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تەن جازاسى ھەم سىياسىي مېڭە يۇيۇشقا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى سىر ئەمەس» دېيىلگەن.

تۈركىيەنىڭ باياناتى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 14‏-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر ئانالىزىدا، تۈركىيە ب د ت نىڭ كومىتېت تەشكىللەپ، دەلىل توپلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورلىرىدىن بىرى فىلىپ بولوپىئون قەلەمگە ئالغان ئانالىزدە، «ئەنقەرەنىڭ بايانات بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بارلىق دىپلوماتىك ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىشى، ئۇنىڭ 1‏-قەدەمدە جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىرلىكسەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدا دەلىل توپلاش كومىتېتى قۇرالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت