تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى

تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 27-نويابىر نىگېر پايتەختى نىيامىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىرەر كونكىرېت تەۋسىيەدە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاساسى ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن گەپ قىلىش كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە باشقا مۇسۇلمان دولەتلەرنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشى ياكى خىتاينى قوللىشى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ تەنقىدلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ ھەر يىلى 15-مارتنى «ئىسلامىفوبىيە»، يەنى «ئىسلام ئۆچمەنلىكى» گە قارشى تۇرۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنىڭدىن باشقا بىز ئۇيغۇرلار، روھىنگالار، سېپرۇستىكى تۈركلەر، گرېتسىيەدىكى تۈرك مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار، جامۇ-كەشمىردىكى قېرىنداشلىرىمىز، ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلارنىڭ ئاساسى ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن گەپ قىلىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

چاۋۇشئوغلۇ بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقىي ئىشلار خامچوت يىغىنىدا ئوكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. يىغىندا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت كەمال ئەرئوزان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسلام ھەركارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشىدۇر.

«كەدا شۇنفەي» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە دىگىتال نازارەت سېستىمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىپ قىلىش ۋە باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىپلىنىپ كەلگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2019-يىلى شۇ سەۋەبلىك بۇ شېركەتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مس سەنەت شېركىتى» بۇ يىل 10-نويابىر «كېدا شۈنفەئېي» بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ تىۋىتېردا "مس سەنەت شېركىتى"نى بايقۇت قىلىش ھەركىتى قوزغالغان.