تەيۋەن تاراتقۇلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 300 مىڭ مەھبۇس سىغىدىغان چوڭ تۈرمە قۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى
2016.09.17
تەيۋەن تاراتقۇلىرى يېقىندا خەۋەر بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە 300 مىڭ مەھبۇسنى سىغدۇرالايدىغان چوڭ تىپتىكى تۈرمە ياساۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەيۋەندە چىقىدىغان «بۈيۈك كۈندىلىك» گېزىتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ تۈرمىگە ئاتالمىش «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى»، «خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى»، «تىبەت مۇستەقىلچىلىرى»، «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى» ۋە خىتايدا «رەڭلىك ئىنقىلاب» نى تەشەببۇس قىلغۇچىلار قامىلىدىكەن. سىياسىي مەھبۇسلار بۇ چوڭ تۈرمىدە ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىدىكەن ياكى مېڭىسى يۇيۇلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تۈرمىنىڭ ئاساسلىق مەھبۇسلىرى يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «مۇستەقىلچىلار» دىن باشقا يەنە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى بۆلۈش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىنى رەت قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلانغانلار ياكى باشقا شەكىلدىكى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەنلەرمۇ قامىلىدىكەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلىۋاتقان مەزكۇر چوڭ تۈرمە ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، ئىلگىرى بىر قىسىم خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇپ، تەكلىماكاننى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىگە ياكى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.









