ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى «8‏-مارت بايرىمى» مۇناسىۋەتنى بىلەن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئايال ژۇرنالىستلىرىنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.09

مەركىزى ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى «ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى» 8‏-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋەتنى بىلەن دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيانى ئۇيغۇر ئايال ژۇرنالىستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرمىدىكى ئايال ژۇرنالىستلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ 8‏-مارت كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئاخباراتچىلىق خىزمىتى سەۋەبلىك تۈرمىدە يېتىۋاتقان 251 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 33 نەپىرى ئايال ئىكەن. دوكلاتتا، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 7 نەپەر ئايال ژۇرنالىستنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇنىڭدا گۈلمىرە ئىمىن، ئاتىكەم روزى ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇت تونۇشتۇرۇلغان. گۈلمىرە ئىمىن «دىيارىم» تورىنىڭ سابىق تور باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ «توپىلاڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەن. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئاتىكەم روزا 2014‏-يىلى 11‏-ئايدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

«قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ تەھرىرى، تونۇلغان شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۆتكەن يىلى غايىب بولغان. رادىيومىز ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئۇنىڭ 2015‏-يىلى تەھرىرلىگەن يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلاتىدا، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ خەتەرلىك كىتابلارنى نەشر قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى «8‏-مارت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھالقىلىق ھادىسىلەرنى خەۋەر قىلىپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۇ ئايال ژۇرنالىستلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.