تۇرپان بويلۇقتىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا 300 دەك ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتايدىكى «رۈيزې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ تۇرپان بويلۇق يېزىسىدىكى زاۋۇتىدا 300 دەك ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ئۇچۇر مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، بىر قىسىم خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى رەت قىلىش قارارىغا قارشى ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر مەركەزلەشكەن بۇ خىل زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر «ھەربىي تۈزۈم» بىلەن باشقۇرۇلىدىكەن.

«رۈيزې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» يېقىندا بۇ كارخانىدىكى بارلىق «ئىشچى-خىزمەتچىلەر» نىڭ نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ بويلۇقتىكى زاۋۇتىدا 376 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولۇپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەر» ئۇنىڭ %80 نى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ شىركەت باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل قانۇن-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى، ئىشچىلار بىلەن توختام تۈزىدىغانلىقى، ئۇلارنى «ئازادە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ خىل ياتاقلىق توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىرقسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.