تۇرپان تۇيۇقتا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە سىزىلغان تام رەسىمى بايقالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.05.18

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا تۇرپاننىڭ تۇيۇق يېزىسىدىكى بىر جىلغىدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ بىر تام رەسىمى بايقالغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «نۇر گېزىتى» 5-ماي كۈنى «تۇرپان تۇيۇقتىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا مەنسۇپ يېڭى تام رەسىمى بايقالدى» سەرلەۋھىلىك مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى بۇ يىل 4-ئايدا تۇرپان شەھىرىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان ئىكەن. ئۇلار تۇيۇق غارلىرىدىن قېزىۋېلىنغان تېپىلمىلار ئىچىدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا مەنسۇپ يېڭى تام رەسىمىنى بايقىغان.

ئۇلارنىڭ ئاشكارا قىلىشىچە، مەزكۇر تام رەسىمى ئىنتايىن نەپىس ۋە گۈزەل بولۇپ، سىزىلىش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى جەھەتتىن تۇرپاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتايدا تېپىلغان تارىخنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى تام رەسىملىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىكەن.

مەلۇمكى، تۇرپان ئويمانلىقى قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيەت بەلۋېغىدىكى ئەڭ مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جارياندا ياۋروپا ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى، جۈملىدىن گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى تۇرپان ئويمانلىقىدا كۆپ قېتىم قېزىش ئېلىپ بارغان ھەمدە زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان. 2012-يىلى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تۇرپانشۇناسلىق ئاكادېمىيىسى بىرلىكتە قېزىش ئېلىپ بېرىپ تۇرپان تۇيۇقتىن بىر يۈرۈش مىڭ ئۆي خارابىلىرىنى بايقىغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تام رەسىملىرىنى تاپقان. بۇ ۋەقە شۇ يىلى خىتايدىكى 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنىڭ بىرى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.