تۇرپاندىكى بىر قەدىمىي قەبرىدىن 2700 يىل بۇرۇنقى ئات ئېگىرى تېپىلغان

2023.06.05

 خىتاي ۋە چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ تۇرپاننىڭ ياڭخېي كەنتىدىكى بىر قەدىمىي قەبرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا بۇنىڭدىن 2700 يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە ئائىت بولغان ئات ئېگىرى بايقالغان.

ئارخېئولوگلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ئاتنىڭ كۆندۈرۈلۈپ، قاتناش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىلىش تارىخىغا دائىر يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 4-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە، مەزكۇر قەبرىدىن تېپىلغان بۇيۇملارغا قارىتا رادىئو-كاربۇنلۇق ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ بۇيۇملارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 727 يىلدىن 396 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

خەۋەر ئېيتىلىشىچە، بۇ قەبرە بىر ئايالغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاتنىڭ ئېگىرى، شۇنداقلا كالا تېرىسىدىن ياسالغان، ئىچىگە كېيىك ۋە تۆگە يۇڭى قاچىلانغان ياستۇقلار تېپىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئارخېئولوگلار ئەڭ قەدىمىي ئات ئېگىرىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئىسكىت خەلقلىرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان ياڭخېيدىكى بۇ قەدىمىي قەبرىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك دوكلاتى 23-ماي كۈنى «ئاسىيا ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا بۇ بايقاش رايوندىكى خەلقلەرنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى مىڭ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىلا ئات مىنىشنى بىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە قايتا ئېنىقلىما بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر پارچىسى، ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ كۆرسىتىۋاتقان؛ كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارنى قۇرۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا بايقىلىشى، دىققەت قوزغىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇرپاندىكى قەدىمكى قەبرىدىن چىققان بۇيۇملارنىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشقان شىۋېتسارىيە، خىتاي، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە تەتقىقاتچىلىرى، بۇ ئېگەرنى «ھازىرچە ئېگەر ياساش تارىخىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.