تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.04.12


12 - ئاپرىل كۈنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. تۇرپان ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۇرپان شەھىرىنى قۇرۇلغانلىقىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن ئۆزى بىۋاسىتە تۇرپانغا بېرىپ مۇراسىم ئارقىلىق جاكارلىدى.

تەڭرى تاغ تورى بۇ ۋەقەنى «بۈگۈن تۇرپاندىكى 600 مىڭ ھەر مىللەت خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلغان بۇ خۋەرنى قارشى ئالدى» دەپ بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر مەمۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش پىلانىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى تۇرپان ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن باشلىغان. تۇرپان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇنجى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر مەمۇرىيىتىگە ئايلانغان. قارار بويىچە تۇرپان ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇ تۇرپان شەھىرىگە قارايدىغان گاۋچاڭ رايونىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئەمما، توقسۇن ۋە پىچان ناھىيىلىرى ساقلاپ قېلىنغان. ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرىگە بىر رايون، ئىككى ناھىيە قارايدىكەن.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە تۇرپاننىڭ غەربىي خەن دەۋرىدە غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزىي بولغانلىقى ئەسلىتىلگەن. ئەمما، تۇرپاندا 9 - 14 - ئەسىرلەردە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ھۆكۈم سۈرۈپ، ئالەمشۇمۇل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ياراتقانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن.

بۇ قېتىم خىتاي قەدىمكى تارخىنامىلىرىدە خاتىرىلەنگەن ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ خىتايچە «گاۋچاڭ» دەپ ئاتالغان نامى رەسمىي رەۋىشتە تۇرپان شەھىرىنىڭ بىر رايونىغا قويۇلۇپ، «گاۋچاڭ» ئىسمى مەمۇرىي نام سالاھىيىتى بىلەن سەھنىگە چىقتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.