2009-يىلى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلەر قۇرغان «تۈرك دۆلەتلىرى كېڭىشى» ياكى «تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى»، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، رەسمىي نامىنى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» دەپ ئۆزگەرتكەن.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دەرھال بۇ ھەقتە بىر ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» نى رايون مۇقىملىقى ئۈچۈن تەھدىت، دېگەن.
مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدىكى «تۈرك دۆلەتلىرى كېڭىشى» نىڭ نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر سانىڭ ئارتىشى، بۇ بىرلىكنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆز نامىنى ‹تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى› غا ئۆزگەرتىشى پان-تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە. ‹تۈرك› دېگەن بۇ نام ئەمەلىيەتتە بىر تارىخىي ئۇقۇم. تارىختىكى «تۈرك» دېگەن بۇ ئۇقۇم ھازىرقى تۈركىيە ۋە بۈگۈنكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەردىكى خەلقلەردىن پەرقلىنىدۇ. ئەنقەرەنىڭ بۇ چۈشەنچىنى بازارغا سېلىشىدا سىياسىي نىيەت ۋە سىياسىي ئارزۇسى بار. ‹تۈرك› لۈك ئۇقۇمىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئەنقەرە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىتەلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئويلايدۇ. ئەنقەرە يەنە ئۆزىنىڭ رايون ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى ھەم ئورنىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىدۇ، ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولسا، ئەنقەرە تۈركىيەنى يادرو قىلغان سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئوبزور ماقالىسىدە، «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» نىڭ رايوندىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئاشقۇن تۈرك مىللەتچىلىكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ تەشكىلاتنىڭ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ۋە زىددىيەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ «تۈرك ئەمەسلىكى» نى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، مۇنداق دېيىلگەن:
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن ئوخشاش بىر مىللەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاساسسىز سۆزلەرمۇ بار. بۇ پۈتۈنلەي خاتا. شىنجاڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر خەلقى تۈركىي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە بىر تىلدا سۆزلىشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ تۈركىيە بىلەن ھېچقانداق باشلىنىشى يوق. خىتاي ھەرۋاقىت ‹تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى› ئېلىپ كېلىدىغان پان-تۈركىزىم ۋە پان-ئىسلامىزىملىق مەپكۇرىلەرگە قارشى ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك. بۇ خىل پىكىر ئېقىملىرىنىڭ تارقىلىشى خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بىر قىسىم ئاشقۇن ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشى مۇمكىن.»
مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى روسىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى ياڭ جىننىڭ سۆزلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈلگەن. خىتاينىڭ «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» غا قارىتا بۇنداق سەزگۈر مۇئامىلىدە بولۇشى دىققەت قوزغايدىكەن.
