تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.19

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17 -ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان 98 نەپەر ئۇيغۇر سەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە قويۇپ بېرىلگەن.

98-ئۇيغۇر ساختا قىرغىزىستان پاسپورتى بىلەن ئايرودرومدا تۇتۇلۇپ قالغانلىق خەۋىرى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ توسۇۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە ھەمدە مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىلغان.

بۇ 98 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە قويۇپ بېرىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى سۆيۈندۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.