خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 14-نويابىر كۈنى تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رايوننىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى چاقىرغان بۇ يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي سۆز قىلىپ «زور خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، يوشۇرۇن خەتەرنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق خەۋپىنى توسۇش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەرقايسى جايلاردىكى بارلىق تارماقلار، پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرى چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى لازىم. ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، توغرا باھا بېرىپ، ئاساسلىق ساقچى قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سەپكە يۆتكىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدبىرلەرنىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر. خەتەرنى كىچىك ۋاقتىدىلا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ زىيان سېلىش كۆلىمىنى كىچىكلىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىن 11-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئاپتوموبىل ئارقىلىق پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا بىنائەن چاقىرىلغان ئىكەن.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن 24 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى بىر ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئادەملەر كۆپ يىغىلغان تەنتەربىيە مەيدانىغا بۆسۈپ كىرگەن. نەتىجىدە 35 كىشى ئۆلگەن، 40 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
دائىرىلەر ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ 62 ياشلىق كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش» مەقسىتىدە بۇ ھۇجۇمنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما نۆۋەتتە بۇ ھالنىڭ 2008-يىلى ئاۋغۇستتا قەشقەردىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق 16 خىتاي ئەسكىرىنى يانجىپ ئۆلتۈرگىنىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقەلەرنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.