تيەنئەنمېىن ئانىلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.31

1889‏-يىلى تيەنئەنمېىن ۋەقەسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق كىشى جۈمە كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيە رەھبىرى شى جىنپىڭنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

چەتئەلدىكى بىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەتتە، شى جىنپىڭنى «ھەقىقىي ئىسلاھاتچى ئەمەس، دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر ئوچۇق تيەنئەنمېىن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغان «4‏-ئىيۇن ۋەقەسى» نىڭ 24 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان.

ئوچۇق خەتتە يەنە، شى جىنپىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ: ۋەھالەنكى، بىز زور قەدەم بىلەن ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسىگە قاراپ چېكىنىش ئەھۋالىنى كۆردۇق. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلىك ۋە چارىسىزلىققا مۇپتىلا قىلدى، دەپ كۆرسەتكەن.

تيەنئەنمېىن ۋەقەسى يۈز بېرىپ 24 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېىن ھەرىكىتىنى ئاقلاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. ئوچۇق خەتتە، ئۆزلىرىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بىراق «4‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە قايتا باھا بېرىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ روھى خاتىرجەم قىلىنمىغۇچە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يولدىن قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.