ئامېرىكىنىڭ «تيەنئەنمېن ھۇجۇمى» ھەققىدىكى پىكرى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
2016.06.03
ئامېرىكىنىڭ 2014-يىلى ئۆكتەبىردە 3 ئۇيغۇرنىڭ ئاپتوموبىلدا تيەنئەنمېن راۋىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە بىلدۈرگەن پىكرى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى«تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ ئېلان قىلغان بۇ ۋەقەنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكىنى ۋە يېتەرلىك ئۇچۇر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ نۇرغۇن سىياسىتى «شىنجاڭدا مىللىي جىددىيلىكنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىي زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى» دېيىلگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ جۈمە كۈنى ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ، «بىز ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئۇنداق پەرۋاسىز پىكىرلەردە بولۇشىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن.
خۇا چۈنيىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىكى دىققەت قىلىدىغان ھالقىلىق نۇقتىكەن. ئۇ، «بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.









