ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 21-ماي سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقىدۇ
2022.05.20
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار 21-ماي كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ۋەكىللىك تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقىدۇ.
بۇ قېتىمقى سايلام خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش، تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىشتەك ۋەھشىيلىكلىرى 6-يىلىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىياسىتىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولمىغان، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئائىت يېڭى ھۆججەتلەر داۋاملىق ئاشكارىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ۋەھشىيلىكنى توختىتىشتا يېتەرلىك ھەرىكەت قوللانمىغان نازۇك بىر ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، 21-ماي چۈشتىن كېيىن ۋىرىجىنىيە شتاتىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا قارىتا جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. سايلام مەيدانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى يەرلىك ساقچىلارنىڭ قوغدايدىغانلىقى مەلۇم. ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ئۇزۇن قولىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇپ كەلگەن تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، ھەتتا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىلگىرى ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بېسىمىدىن قوغداش توغرىسىدا چاقىرىقلاردا بولغان. ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ئالاقە لىنىيەسى تەسىس قىلغان. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بۇ خىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان 5 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى قولغا ئېلىپ ئەيىبلىگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە ھازىرغا قەدەر پەقەت بىرلا كىشى ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئۆزىدىن باشقا تۆت كىشىلىك بىر ھەيئەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەنلىكى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر پۈتۈنلەي ياشلاردىن تەشكىل تاپقان.