ھىندىستان تۈرمىسىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر قېرىنداشنىڭ ئەھۋالى دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتىن قاچقان ئابدۇسالام، ئادىل ۋە ئابدۇخالىق ئىسىملىك ئۈچ قېرىنداش 2013-يىلى قاغىلىق ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، لاداخ يولى ئارقىلىق ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدىن ئۆتكەندە قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغانىدى. ئۇلارنىڭ 11 يىلدىن بۇيان تۈرمىدىن چىقالماي ئازاب چېكىۋاتقانلىقى يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قايتىدىن دىققىتىنى قوزغىدى.

«كەشمىر ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 7-نويابىر سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا «قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەمدە بىر يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما ئۇلارنىڭ قاماق ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئۇلارغا يېڭىدىن قاماق جازاسى بېرىپ تۈرمىدىن چىقارماسلىق ھازىرغىچە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ھىندىستاندا سىياسىي پاناھلىق تىلەش ياكى تۈركىيە، مالايسىياغا ئوخشاش ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىۋېتىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىمۇ قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان مۇھەممەد شافى لاسسۇ (Mohammad Shafi Lassu) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ ئۇيغۇرلارنى 11 يىلغىچىمۇ قاماقتىن چىقارماسلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قولغا ئېلىش ئۆلچەملىرىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تۈپكى ئاساسلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا قېرىنداشنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسى ھىندىستاندا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن توزۇپ تۈگەشكە باشلىغان. خەۋەردە بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيانكەشلىك ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ھەقتە ب د ت ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تەپسىلىي دوكلاتلىرى بارلىقى تەكىتلىنىپ: «بۇ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش ياكى ئۇلار ئارزۇ قىلغان دۆلەتكە يولغا سېلىپ قويۇش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى» دېيىلىدۇ.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org