ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» خاتىرىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

2019-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 3-ئىيۇن كۈنى 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان «بىر ھۆكۈمەت ئۈچۈن قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئوتتۇز يىلغىچىمۇ سىر ساقلاش زادىلا نورمال بولمىغان بىر ھادىسە» دەپ كۆرسەتتى.


باياناتتا بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىنچ نامايىشىنى قوراللىق باستۇرىۋەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتنى سىر ساقلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈرىۋېتىشنى قەستلەۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان بۇ ھادىسىگە قارىتا بىر تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.


ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئوتتۇز يىل مابەينىدە ئۆزلىرىنىڭ 1989-يىلىدىكى <4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقى> نى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن يۇيۇپ تاشلاشنىڭ كويىدا بولۇپ كەلدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلار بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدەك قەبىھ رېئاللىقنى كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن ساۋاق ئېلىش توغرا كەلسە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشىغا داۋاملىق يول قويماسلىقىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتتى.
باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، كانادا، قازاقىستان، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭ قەدىمى يەتكەنلىكى جايدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى شۇنچە پاكىتلىق ۋە  ئاشكارا  بولغان جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى «ساختا ئۇچۇر» دەپ چۈشەنچە بېرىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىش كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنداقلا «تيەنئەنمېن قۇربانلىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىدە ساقلىنىپ كەلگەندەك شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا قىينىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرمۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىدىن مۇستەسنا قالماسلىقى لازىم» دەپ كۆرسىتىلىدۇ.


ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار دوكلاتلىرى ئىزچىل ھەرقايسىي ساھەلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 3-ئىيۇن كۈنى «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە باياناتلىرى ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 58 ئۇيغۇر مۇخبىر ۋە تەھرىرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت