UHRP دوكلاتى: «خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلەرگە شېرىك بولماقتا! »

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 5-مارت كۈنى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) ئىشلەپچىقارغۇچى داجياڭ چۇڭشىن (DJI) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ باستۇرۇشلارغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى نازارەت سىستېمىسىغا ياردەم بەرگەن داجياڭ ۋە باشقا شىركەتلەرگە جازا بېرىشكە چاقىردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، داجياڭ شىركىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەقىب-نازارەت ئىشلىرىغا قاتناشقان، شۇنداقلا ساقچى ئورگانلىرىغا ئۈسكۈنە سەپلەش توختامىدىن پايدا ئالغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) تارماقلىرى 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە داجياڭ شىركىتىدىن كۆپ قېتىم مال سېتىۋالغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۈەن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

داجياڭ شىركىتى دۇنيادا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقارغۇچى ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇپ، دۇنيا بازىرىنىڭ 70پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. يىللىق كىرىمى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق 43 دۆلەتنىڭ بازىرىغا كېڭەيگەن. كامېرالىق ئۇچقۇلىرى بىلەن تونۇلغان داجياڭ شىركىتىنىڭ خېرىدارلىرى فوتوگرافلار ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەردىن تارتىپ ساقچى ئورگانلىرى ۋە ھەربىي قىسىملارغىچە كېڭەيگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 80 پىرسەنت ئىستېمالچىنىڭ قولىدا داجياڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ بولۇشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ شىركەت ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك ئىكەن. شۇڭا كىمكى بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا ياكى ساتسا كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى سادىر قىلىۋاتقان بۇ خىتاي شىركىتىگە ياردەم بەرگەن بولىدىكەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر داجياڭ شىركىتىگە سودا چەكلىمىسى قويغان. ئەمما بۇ تەدبىرلەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ داجياڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى داۋاملىق سېتىۋېلىشىنى چەكلىيەلمىگەن. داجياڭ شىركىتى گەرچە ئۆزىنى «ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ۋە جەمئىيەتكە نەپ يەتكۈزۈش» كە بېغىشلىغان شىركەت قىلىپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم بېرىشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش كېرەك ئىكەن.