خىتاي دائىرىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرىغا ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈرلۈك كۆرسەتمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


نويابىرنىڭ ئاخىرىقى ھەپتىسىدىن بۇيان ئۈندىداردا تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى خىتاي تور ساقچىلىرى بىلەن تەشۋىقات ئورگانلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈرلەشتۈرىۋەتكەن.

خىتايدىكى «ئازادلىق گېزىتى تورى» ۋە «جۇڭگو شىنجاڭ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 22-نويابىردىن بۇيان ئۈندىدار، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر ھەپتىگىچە تارقالغان بىر قىسقا سىن كۆرۈنىشى خىتاي تور ساقچىلىرىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن.

مەزكۇر سىن كۆرۈنىشىدە خىتايدىكى مەلۇم بىر شەھەرنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا قولىغا ئۇزۇن پىچاق كۆتۈرگەن بىرىنىڭ قالايمىقان ئادەم چانىغان ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن جەريانى كۆرسىتىلگەن.

22-نويابىر كۈنى ئۈندىداردا مەزكۇر سىن كۆرۈنىشىگە قوشۇمچە قىلىنىپ: «بۇ تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قەشقەردىكى خەلق مەيدانىدا يۈز بەرگەن بىر زوراۋانلىق ۋەقەسى. بىر نەپەر ھۇجۇمچى ئۇزۇن پىچاق بىلەن 4 ئادەمنى چاناپ ئۆلتۈرگەن. ساقچىلار چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىپ، ھۇجۇمچىلاردىن 5-6 كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈردى،» دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قانۇنسىز ۋە تەسىرى يامان خەۋەرلەرنى پاش قىلىش مەركىزى 24-نويابىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈندىداردا تارقالغان بۇ سىن كۆرۈنىشىنىڭ ساختا خەۋەر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن راست ۋەقە بولماستىن، بەلكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ دەندوڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر مانىۋېرنىڭ سىن كۆرۈنىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتايدا چىقىدىغان «ئازاتلىق گېزىتى تورى» ۋە باشقا ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئالاقىدار ھەرقانداق ئۇچۇر ۋە خەۋەرگە ئەڭ زور سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت