خىتاي دائىرىلىرى 9 ئاي ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۈندىدار سالونىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، 2016- يىل كىرگەن 9 ئايدىن بۇيان،11مىڭ 459 ئۈندىدار سالونىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، 2016- يىل كىرگەن 9 ئايدىن بۇيان،11مىڭ 459 ئۈندىدار سالونىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋىرىدە، مەزكۇر ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ تاقىلىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنىپ، تاقىۋېتىلگەن ئۈندىدار توپلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ يالغان-ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى، توردا سودا ئالدامچىلىقى قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنتېرنېت ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەمما چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بېرىلگەن بىر قىسىم خەۋەر ئانالىزلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر ئېقىملىرىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەپ، زەربە بېرىش نىشانى قىلغانلىقى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرى توردا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىنتېرنېت ئۇچۇر كونتروللۇقىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاش ھەم ئۆزىنىڭ قارشى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org