ۋىچات ئەپ دېتالى تىك-توكتىن خەتەرلىكمۇ؟

ۋىچات (ئۈندىدار) سۇپىسى پۈتۈن دۇنيادا خىتايلار ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ۋە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئالاقە سۇپىسى بولۇپ، «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ 24-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، ۋىچاتنىڭ تىك-توكتىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىچات خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئوغرىلاش، پۇقرالارنى نازارەت قىلىش، خىتاي كومپارتىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتىسى بولۇپ، بۇ دېتالنى ئىشلىتىدىغان ئابونتلار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تىك-توكنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن؛ ئەمما خىتاي ئەپلىرىدىن كەلگەن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋىچاتقىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن.

تېڭشۈن شىركىتى 2011-يىلى بازارغا سالغان ۋىچات خىتايدىكى بىر مىليارد ئادەم ھەر كۈنى ئىشلىتىدىغان ئەپ بولۇپلا قالماي، ئامېرىكادىكى خىتايلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسى ۋە خەۋەر مەنبەسى ئىكەن. ئەمما ئۇ خىتاينىڭ تېخنىكا مەھسۇلاتى بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش تورىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن؛ ۋىچاتتىكى ئابونتلارنىڭ پائالىيىتى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلىدىكەن، تەھلىل قىلىنىدىكەن ۋە گۇماندارلار ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىنىدىكەن. ۋىچاتنىڭ ئالگورىزىملىق ئىقتىدارى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بايانلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلارغا قارشى يوللانغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش، ئازلىتىش ياكى سۈزىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكادىكى خىتايلار ۋىچات ئوينىغاندا دائىم ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايلارنى كەمسىتىدىغانلىقى، قورال ئېتىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقى، كوۋىد بىلەن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ كوچىدا يېتىپ قالغانلىقى دېگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرىدىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتايلارنى ياكى خىتايچە بىلىدىغانلارنى خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ياخشى دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكادىمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىشلەيدىغان «50 تىيىنلىقلار» لار كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېخى ئامېرىكا پاسپورتى ۋە يېشىل كارتى بار ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇلارغا تۈزۈك چارە قوللانماي كېلىۋېتىپتۇ.