خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلىپ ياسىلىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن «شىمالىي ئاۋىئاتسىيە پونكىتى» ۋە ئىككى ئۇچۇش يولى كۆپەيتىلىپ ياسىلىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆلىمى بەكلا چوڭ بولۇپ، 2030-يىلىغا بارغاندا تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندا ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ يىللىق يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارى 63 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارى 750 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن. ئومۇمىي قۇرۇلۇش چىقىمىنىڭ 41.5 مىليارد يۈەن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا مۇشۇ يوسۇندا غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «بۇ خىل مەبلەغ سېلىشتىن ھەرقاچان خىتاي كۆچمەنلىرى مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇل مۇئەسسەسىگە غايەت زور مەبلەغ سېلىشى ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ»، دېيىشمەكتە.