ئۈرۈمچىنىڭ دېكابىردىكى ھاۋارايى ئەھۋالى دائىرىلەرنىڭ «ئۈرۈمچىدە ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى» دېگەن تەشۋىقاتىنى رەت قىلماقتا
2016.12.12
ئالدىنقى ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، «ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆپەيدى» دېگەن ئىدى.
ھالبۇكى، دېكابىر كىرگەندىن بۇيانقى 12 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىدە جەمئىي 10 كۈن ئىس-تۈتەكلىك ھاۋارايىنىڭ داۋام قىلغانلىقى يۇقىرىقى بايانلار كەسكىن رەت قىلماقتا.
بۈگۈن تەڭرىتاغ تورى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، دېكابىر كىرگەندىن بۇيانقى 12 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىدە پەقەت 2 كۈنلا ھاۋا ئېچىلغانلىقىنى، قالغان 10 كۈندە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىس-تۈتەكلىك ھاۋارايى داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى 12 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىدە ئىس-تۈتەكلىك ھاۋارايى ئەڭ ئېغىرلاشقان كۈنلىرى كۆرۈش دائىرىسى ئاران 50 مېتىرغا چۈشۈپ قالغان. تۈنۈگۈندىن بۈگۈنگە قەدەر ئۈرۈمچىدىكى بەزى رايونلاردا كۆرۈش دائىرىسى 100 مېتىر بولغان.
ئۈرۈمچىدە ئۇدا داۋاملاشقان ئىس-تۈتەكلىك ھاۋارايى شەھەر قاتنىشى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈن، يەنى 12-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئىس-تۈتەكلىك ھاۋارايى تۈپەيلى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشى توختىتىلىپ، 5 مىڭغا يېقىن يولۇچى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا قاپسىلىپ قالغان.









