ئۈرۈمچى بىلەن چېڭدۇ، كۇنمىڭ ئارىسىدىكى تۆمۈر يول قاتنىشى 9 سائەت قىسقارغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.10

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق مەتبۇئاتلىرى 10-يانۋار كۈنى چىقارغان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇ ۋە كۇنمىڭ شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز تېز پويىزغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، چېڭدۇغا بارىدىغان يول 35 سائەتتىن 26  سائەتكە، كۈنمىڭگە بارىدىغان يول 48 سائەتتىن 40 سائەتكە قىسقارغان.

ئۈرۈمچى تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۆمۈر يول تىرانسپورتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىچكىرى خىتايدىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان ئادەم ۋە سودا ماللىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە توشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى بىلەن لەنجۇ ئارىسىدا قاتنايدىغان پويىزنىڭ قېتىم سانى كۆپەيتىلگەن. ئۇيغۇر رايونى ئىچىدىكى پويىز قاتنىشىمۇ لىنىيە ۋە قېتىم سانى جەھەتتىن كۆپەيتىلگەن ۋە كۆپ خىل تاللاش ئىمكانىيىتى ھازىرلانغان. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول گۇرۇھى «يېزا-بازار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن  پويىزدا يۈك، مال توشۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە ۋاقتىدا مال يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە تاشيول، تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇملارنى ياساپ كەلمەكتە. قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئىقتىسادشۇناس شەرىفجان نادىروف ئەپەندى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ «قەيەرنى ئىگىلىمەكچى بولساڭ شۇ يەردە يول ياسا» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، «بىر بەلباغ بىر يول» دائىرىسىدىكى دۆلەتلەرگىمۇ تۆمۈر يول ياساپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.    

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.