ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 24-نويابىر كۈنىدىكى ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئاھالە ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بىر رېئاللىقنىڭ بىشارىتى سۈپتىدە تونۇلۇپ، ھەرقايسى جايلاردا بۇ ۋەقەنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاممىۋى نامايىش بولغان.

«لى مۇئەللىم سىزنىڭ مۇئەللىمىڭىز ئەمەس» نامىدىكى تىۋېتتېر ئابونتى 26-نويابىر كۈنى ئۇچۇر يوللاپ: «خوتەننىڭ خۇەنخۇ رايونىدا ئاھالىلەر بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 6-7 لەردە كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلدى ھەمدە ۋىرۇس ھەققىدىكى قامالنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى» دەپ يازغان. ئۇ ئېلان قىلغان قىسقا ۋىدېيودا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاممىسى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرگىنىچە خوتەن شەھرىنىڭ كوچىسىدا نامايىش قىلغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نېيسېن رۇسېر (Nathan Ruser) بۇ ۋىديونىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ، خوتەننىڭ «قۇرۇم كۆلى رايونى» ئولتۇراق مەھەللىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇ بۇ ۋىدېيونى ھەمبەھىرلەش بىلەن بىرگە «خوتەن نوپۇسىنىڭ 98 پىرسەنتى ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇ نامايىشنى كۆرۈپ مەن تېڭىرقاپ قالدىم» دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن. رادىيومىز بىۋاستە دەلىللەشكە ئۈلگۈرمىگەن بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋىدىيولىرىدا ئۈرۈمچى شەھرىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقىنى كۆتۈرگىنىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى قورشىۋالغان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى «خەلق ئاممىسى بىلەن سۆزلىشىش»كە چىققاندا، خىتاي ئاممىسىنىڭ كەسكىن سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن.

CNN نىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ خىلدىكى قاتتىق يۇقۇم قامالىغا قارشى نامايىشلار خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم شەھەرلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، شاڭخەيدىكى نامايىش ئەڭ چوڭ كۆلەمدە بولغان. نامايىشتا خىتايلار «خىتاي كومپارتىيەسى تەختتىن چۈشسۇن! شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان. ئەنگلىيە شېففىيلد (Sheffield) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىن تابىن (David Tobin) شۇ كۈنى بۇ ئەھۋاللارغا ئىنكاس يېزىپ: «ئۈرۈمچىدىكى نامايىش دىققىتىمنى تارتتى. ئەمما ئۈرۈمچى ھەرگىزمۇ جېڭجۇ ئەمەس» دەپ يازغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامايىشلارنىڭ ھېچقاچان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىگە ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى دېيك كاڭ (Dake Kang) بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللاپ: «2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ تىنچ نامايىش قىلغان ئىدى. ئەمما ساقچىلار ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ قىرىپ تاشلىغان ئىدى» دەپ يازغان.