دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرماقچى بولغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ئىگىلىنىشىچە، 18-فېۋرال كۈنى ئاياغلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانى تەستىقلانغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ رەسمىي باشلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشقا 130 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزگەرتىپ قۇرماقچى بولغان ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنىڭ دائىرىسى تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى ۋە كۆكتاغ رايونى قاتارلىق ئالتە رايون، 173 كۋادرات كىلومېتىر جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم جايلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىپ قۇرۇش جەريانىدا باشقا جايغا يۆتكىۋېتىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، يېقىنقى بىر ئەسىر مابەينىدە ئۈرۈمچىنىڭ سودا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىشى خۇددى قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىشىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.