خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاھالىلەر كومىتېتلىرى» قۇرماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۈرۈمچى دائىرىلىرى «ئۈرۈمچىدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاھالىلەر كومىتېتى قۇرۇشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى» ناملىق بىر پىلاننى يولغا قويغان. ھەرىكەت پىلانىغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتىلىرى «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر» گە سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلېكترونلۇق سودا ۋە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق 13 خىل ئىگىلىك تىكلەش ساھەسىنى بەرپا قىلىدىكەن.

يۇقىرىقى بۇ خەۋەر چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى بىۋاستە قورالى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ لاگېرغا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلىدىغان ئادەملەرنى تاللاپ بېكىتىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭمۇ ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا قاراشلىق مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن: «. . . مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئامما ۋە ئاساسىي قاتلامغا ئەڭ يېقىن گۇرۇپپىلاردۇر. ئۇلار يەنە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇنداقلا توغرا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور يوشۇرۇن كۈچى بار. . . بىز چوقۇم ھەر بىر ئىگىلىك تىكلەشكە چىن دىلىمىزدىن ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا ھەر مىللەت كىشىلىرىگە ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە ئۈرۈمچىدىكى 30 ئاھالىلەر رايونىنى بۇ پىلانغا كىرگۈزۈدىغان بولۇپ، 2024-يىلغا بارغاندا، بارلىق ئاھالىلەر رايونلىرى ئاتالمىش «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر توپى» غا كىرگۈزۈلىدىكەن.