ئۈرۈمچى رايونىدا «بېيدۇ» سىستېمىسى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكچى
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسى بولغان «بېيدۇ» («يەتتە تىكەن») سىستېمىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى قاپلىنىش چاستۇتىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆتىنچى بازا قۇرۇلۇشىنى تاماملىغانلىقىنى پۈتتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۈرۈمچى تەۋەسىدە «بېيدۇ» سىستېمىسى ئىشلەيدىغان ۋەزىيەت ئىشقا ئاشقان.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-29 -

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «بېيدۇ» سىستېمىسىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇپ، خاتالىق پەرقى سانتىمېتىرلىق دائىرىدە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقا ئەسلىھەلەر ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «بېيدۇ» سىستېمىسى ئامېرىكانىڭ GPS سىستېمىسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەربىيلەر ۋە پۇقرالار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نۇسخىلىرى بار ئىكەن. شۇنىڭدەك شوپۇرلار بۇنى تېلېفونلارغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق يول باشلىغۇچى ئەپ قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدىكەن.
بىرقىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش مېخانىزىمىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان بىر ۋاسىتە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى سوغۇقچىلىقنى ئەسلىتىپ «خىتاينىڭ CCTV تېلېۋىزىيەسى ‹بېيدۇ› سىستېمىسى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان دۇنياۋى نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ناۋادا ئامېرىكا خىتاي بوشلۇقىدىكى GPS سىستېمىسىنى ئۆچۈرۈۋەتسە خىتاينىڭ ھەربىي ۋە پۇقراۋىي ساھەدىكى بارلىق پۈتكۈل يول باشلاش سىستېمىسى پالەچ بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇ خىل ئەجەللىك ۋەزىيەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتاي ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ‹بېيدۇ› سىستېمىسىنى تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ» دېدى.