ئۈرۈمچى دائىرىلىرى تاكسى ۋە «قارا تاكسى» لارنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى» نىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا، 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى ئىدارىسى بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسى ۋە «قارا تاكسى» لارنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 10-ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىرلىشىپ ئاچقان يىغىندا، «مەدەنىي شەھەر قۇرۇش ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى» نامىدىكى مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۈرۈمچى شەھەر رايونى دائىرىسىدە دوقمۇشلارغا چازا قۇرۇپ شوپۇر ۋە يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش، كىرا ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تىزىمغا ئېلىنمىغان «قارا تاكسى»لارنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان تاكسى ۋە «قارا تاكسى»لارنى تەرتىپكە سېلىش بەلگىلىمىسى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن تاكسىچىلىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن «قارا تاكسى» ھەيدەپ كۈندىلىك تىرىكچىلىكىنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر «قارا تاكسى» شوپۇرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاتالمىش «قارا تاكسى» لارنى ھەيدەپ جان بېقىۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلسا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.