خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە 4-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىلدە، تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە زور كۆلەملىك ئاتالمىش «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش، تۇتقۇن قىلىش» نامىدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، مانېۋىر 31-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مانېۋىر ھەققىدىكى خەۋەر 2-سېنتەبىر پەقەت خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىلا ئېلان قىلىنغان. 5-سېنتەبىرگە كەلگەندىلا ئاندىن خىتاينىڭ شىنجاڭ قانۇن تورىنىڭ خىتايچە سەھىپىسىدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر توقسۇننىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
دائىرىلەر مانېۋىرغا قانچىلىك ئادەم قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مانېۋىرغا ساقچى، قوراللىق ساقچى ئەسكەرلىرى، يېزا-كادىرلىرى ۋە دېھقانلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان.
مانېۋىردا بازارلىق ساقچىخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچىلارغا زەربە بېرىشى، قېچىپ كەتكەن ئاتالمىش تېررور گۇماندارىنى ئالا قويماي تەكشۈرۈشى مەشىق قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 23-ماي كۈنى خىتاي دائىرىلىرى «بىر يىلغا سوزۇلغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقچى، قوراللىق ساقچى ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئاممىسى قاتناشتۇرۇلغان بۇ خىل بىرلەشمە مانېۋىرلار كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن.
