20-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10 غا يېقىن ئۈرۈمچىدە يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش ئىدارىسى دائىرىلىرى مەزكۇر تەۋرەشنىڭ 4.8 بال ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. مەزكۇر يەر تەۋرەش ئۈرۈمچى شەھىرى رايونىدا ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە تەۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە، يەنى شەھەر مەركىزى رايونىدىن 29 كىلومېتىر نېرىدا يۈز بەرگەن.
بۇ قېتىملىق 4.8 بال يەر تەۋرەش ئاھالىلەردە جىددىيلىك پەيدا قىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئىنكاسلاردا قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش، ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق مەلۇم ساندىكى ئۆيلەرگە دەز كەتكەن ئىكەن. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مەزكۇر يەر تەۋرەش ئۈرۈمچى ئاھالىسى ۋە ھۆكۈمەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق ئەندىشىلەر يەر تەۋرەشنىڭ قايتىلىنىشى شۇنىڭدەك شەھەر رايونىدا يۈز بېرىپ قېلىشى ئېھتىماللىقى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ««شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتكوم بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە جىددىي ئەھمىيەت بېرىپ، جىددىيلەشكەن ئاھالىنى تىنچلاندۇرۇشقا كىرىشكەن، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىۋاسىتە يەر تەۋرەش، سەھىيە، قاتناش، جامائەت خەۋپسىزلىك، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى يەر ئاستى كۆمۈر كانلىرىنى قېزىش ئىشلىرىنىڭ كۆپ يىللار داۋاملىشىشى، مېترو قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسىنىڭ زور ساندا ئېشىپ، كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنىڭ قاپلاش نىسبىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە باشقىلار ئاھالىلەرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى رايونىدا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ قالسا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەرگە بولغان ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىماقتا.