ئۇيغۇر ئېلىدا ئايرۇدرۇملارنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتىكەن


خىتاي خەلق ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ئايرۇدرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 2019 - يىلى پۈتۈن قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە 51 مىليارت يۋەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدىكى 31 ئايرۇدرۇمنى كېڭەيتىپ قۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق كونا ئايرۇدرۇمالاردىن سىرت يەنە تۇمشۇق، كروران قاتارلىق يېڭى ئايرۇدرۇملاردىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا بېكەت قىلغان خەلقئارالىق ئىككى يېڭى ھاۋا لىنىيەسى - يەنى لەنجو - ئۈرۈمچى - موسكۋا لىنىيەسى بىلەن بېيجىڭ - ئۈرۈمچى - تىبلىس لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرۇدرۇمىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئىقتىدارى ھاۋا قاتنىشىدىكى جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە 450 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى يېڭى ئايرۇبىناسى پۈتۈپ ئىشقا چۈشىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 31 ئايرودرومنى كېڭەيتىپ قۇرۇشى رايوندا كۆچمەن نوپۇسنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپەيگەنلىكى ۋە غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ جىددىي بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ ھېسابلىماقتا.