ئۈرۈمچىدىكى قاتتىق بوران زەربىسىدىن ئايروپىلانلار ئۇچالمىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا چىققان قاتتىق بوران ۋە چاڭ - توزان ئاھالىلارنىڭ نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىگە دەخلى قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە 14 - ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ قاتتىق چاڭ - توزانلىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى كۆپ ساندا ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 14 - ماي كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى قاتتىق بوران تۈپەيلىدىن 200 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش - چۈشۈش ۋاقتىنى بىكار قىلغان ۋە كېچىكتۈرگەن.

«خىتاي ئاخبارات تورى»نىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مۇنداق كۆپ ساندىكى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى بىكار قىلىنىشى سەۋەبىدىن ئايرودرومدا 5 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما، تەڭرى تاغ تورى ئايرودرومدا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ 9 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

14 - ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇچرىغان شەرقى شىمال بورىنىنىڭ كۈچى 6 بالغا يەتكەن بولۇپ، ئاپتوموبىللار ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشلىرىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.كىشىلەر يۈزلىرىنى ماسكا، ياغلىق قاتارلىقلار بىلەن ئورىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۈرۈمچى مېترولوگىيە ئىدارىسى 13 - ماي كۈنى ئاھالىلارغا سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، 15 - مايغىچە ئۈرۈمچىنىڭ بەزى جايلىرىدا شامال كۈچىنىڭ ھەتتا 10 بالغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. نۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 14 - ماي كۈنىدىكى قاتتىق بوران ئاقىۋىتىدە بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان،20 نەچچە ئادەم ئېغىر - يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان.

ئەكولوگىيە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى كۈنسايىن ئېغىرلاشقان بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنىڭ كېسىلىپ ئازلىشى، سۇ بايلىقلىرىنىڭ قالايمىقان ئېچىلىشى ۋە ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەر ئاستى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىش، ھەتتا مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلمەكتە ئىكەن

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت