ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
26 - مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر رايونى بوكس كوماندىسىدىن 6 ماھىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-03-28 -
-
-
26 - مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر رايونى بوكس كوماندىسىدىن 6 ماھىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
شىنخۇا تورىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى بوكس كوماندىسىدىن ئاسىيا چېمپىيونى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۆزبېكىستان بوكس چېمپىيونى ئىسرايىلوف بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئۇنى يېڭىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن بىرى باغداش تورىنىڭ مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدىكى تەپسىلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق كەسپى بوكس مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەتلىرىنى غەلىبىلىك كۆرسەتكەن.
مەزكۇر بوكس مۇسابىقىسى رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق مۇسابىقە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى مەركىزى ئاسىيا رايونىدىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بوكس ماھىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونى بوكس ماھىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدا يەنە مالايشىيا ماھىرىمۇ قاتناشقان.
مۇسابىقىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس جەمئىيىتى ۋە باشقا ئورۇنلار تەشكىللىگەن ئىكەن.