ئۈرۈمچى بىلەن چەرچەن ئارىسىدا ھەپتىدە بەش قېتىم ئايروپىلان قاتنىشى يولغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.12.18

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىغا يېقىن چەرچەن ناھىيىسىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان ھاۋا يولىدا 19-دېكابىر، يەنى دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمى پۇقرالار قەرەللىك ئايروپىلان قاتنىشى يولغا قويۇلىدىكەن.

ئەسلىدە چەرچەندە كىچىك كۆلەمدىكى ئايرودروم مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تېزدىن ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ «يۈدۇ» ئايرودرومى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى ئېچىلغان ئۈرۈمچى-كورلا-چەرچەن ھاۋا يولىنىڭ نۆۋەتلىك ئايروپىلانلىرى ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر نۆۋەت بىر قېتىمدىن قاتنايدىكەن.

«نۇر تورى»دىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئۈرۈمچى بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى چەت ناھىيە چەرچەنگە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇشنى، «شىنجاڭنىڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى تورىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش، چەرچەن ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-ترانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» دەپ ئاتىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، يەنە چەرچەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبى بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تارىم ۋادىسىنىڭ ئەتراپى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون ھېسابلىنىدۇ. قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتى بۇ رايون نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تېز ئۆزگەرتىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەن نوپۇسنىڭ بۇ رايوندا ئېشىشى تېزلەشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.