ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىندا چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنى قەدىرلەش تەكلىپى چۈشكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.01.13


مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىندا چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلەش ھەققىدە بىر تەكلىپ پىكىر چۈشكەن.

تەكلىپ پىكىردە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە 4000 ئوقۇغۇچىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇغانلىقى، بۇلاردىن 3500 نەپىرىنىڭ رايونغا قايتىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە نۆۋەتتە ھەر يىل 3000 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسىي خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋەكىل چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ رايوندا خىزمەت قىلىشتا بەلگىلىك توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما خەۋەردە بۇ تەكلىپنىڭ ۋەكىللەر ياكى دائىرىلەر ئارىسىدا قانداق ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى نىسبەتەن ئەمەلىيرەك مەسىلىلەردىن بىرى، ئەمما چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە مىللەتلەر نىسبىتىدىكى تەڭسىزلىك بولۇپ، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئاز ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.