خىتاي ئۈرۈمچىدىن يەنە ئىككى خەلقئارالىق ھاۋا قاتناش يولى ئاچتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.08.15

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئايروپىلان قاتناش دائىرىلىرى ئىچكىرى خىتاينىڭ ئىككى شەھىرىدىن ئۈرۈمچى ئارقىلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىككى شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككى ھاۋا يولى لىنىيىسىنى ئاچقان بولۇپ، بۇلار لەنجۇ - ئۈرۈمچى - موسكۋا لىنىيىسى ۋە بېيجىڭ - ئۈرۈمچى - تىبلىس ھاۋا لىنىيىسىدىن ئىبارەت.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھاۋا لىنىيىسىنى جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا رەسمىي قاتناش باشلايدىكەن. جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۈرۈمچىدىن دۇبەي، سانكىتپېتېربۇرگ، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرگە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويغان ئىدى. ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، نېمە سەۋەبدىندۇر، جەنۇبى خىتاي ھاۋا يوللىرى ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 11 - ئايغىچە توختىتىپ قويغان.

لەنجۇ - ئۈرۈمچى - موسكۋا لىنىيىسىدە ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئايروپىلان قاتنايدىغان بولۇپ، مەزكۇر يېڭىدىن ئېچىلغان ئىككى ھاۋا يولىدا بويىن 737 ناملىق 300 كىشىلىك ئايروپىلان ئىشقا سېلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.