دائىرىلەر ئۈرۈمچى تىك قۇدۇقتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەپىلىك رايوننى چاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۈرۈمچى تىك قۇدۇقتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردىكى مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسىنى كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى تىك قۇدۇقتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەپىلىك رايون پات ئارىدا چېقىلىدىكەن ھەمدە بۇ يەردىكى 1347 ئائىلىلىك كۆچۈرۈلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى تىك قۇدۇقتىكى 1 - نومۇرلۇق كەپىلىك رايون ھازىرغىچە ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەڭ چوڭ كەپىلىك رايون ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 1951 - يىلى ئۈرۈمچى تىك قۇدۇق كۆمۈر كېنى ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي ئېھتىياجىنى ھەل قىلمىغاچقا، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان كەپىلىك رايون شەكىللەنگەن ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2010 - يىلى ئۈرۈمچى تىك قۇدۇق كۆمۈر كېنى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما بۇ يەردىكى كەپىلىك رايوننىڭ مەسىلىسى شۇ پېتىچە ھەل قىلىنماي كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ رايوننى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 4600 دىن ئارتۇق ئائىلىلىكنىڭ كەپە ئۆيلىرى چېقىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۈرۈمچى تىك قۇدۇقتىكى كەپىلىك رايوننىڭ چېقىلىشى بىلەن بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ماكانىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.