ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىسىدىكى تۆمۈر يول قاتنىشى كۆپەيتىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي قاتناش دائىرىلىرى ئۈرۈمچى بىلەن كورلا شەھەرلىرى ئارىسىدا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ساياھەت تېز پويىز قاتنىشى يولغا قويماقچى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىقتىسادىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇش، خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل ناھىيىلەر جايلاشقان بۇ رايونلارنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قاتناشنى قولايلاشتۇرۇش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن ئىچكى خىتاي، ئۈرۈمچى بىلەن جەنۇبىي رايونلاردىكى شەھەر ۋە ناھىيىلەر ئارىسىدا تۆمۈر يولى تورىنى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەن ئىدى. «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى» ۋە باشقا ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،

ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن كورلا ئارىسىدا 21 - ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلىنىدىغان ھەر كۈنى ئۈچ نۆۋەتلىك تېز پويىز قاتنىشىنىڭ باھاسىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ كورلا دائىرىسىگە ساياھەتكە بېرىپ كېلىشىگە قولاي شارائىت يارىتىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەر تۆمۈر يول دائىرىلىرى ئۈرۈمچى - كورلا ئارىسىدا كۈندە ئۈچ قېتىم تېز پويىز قاتنىشىنى يولغا قويسىمۇ، ئەمما بېلەت باھاسىنى ئۆستۈرمىگەنلىكى ۋە يولۇچىلارغا كۆپ ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى مەزكۇر ئىككى شەھەر ئارىسىدا پەقەت ئادەتتىكى پويىز قاتنىشى بار ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بەلكى دائىرىلەر كەلگۈسىدە قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن ئۈرۈمچى باشقا شەھەرلەر ئارىسىدىمۇ تېز پويىز قاتنىشىنى كۈچەيتىشى ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇرلار ھازىر 70% ئارتۇق بولۇۋاتقان تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشى ۋە نەتىجىدە، نوپۇس تەڭپۇڭلۇق ئەھۋالىدا تېز ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت